ئىسرائىلىيە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۇنيا ئىسلام ئەللىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، 3- ئاۋغۇست كۈنى، مالايسىيادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان يىغىندا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ،ئوتتۇرا شەرىقتە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 3 ‏- ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران قاتارلىق 57 دۆلەت ئىشتىراك قىلغان شۇنىڭدەك ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقان مەزكۈر يىغىندا، خەلقئارانىڭ، ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇمى ھەققىدىكى ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرى مۇھاكىمە قىلىنغاندىن سىرت ، يىغىندا يەنە ، ئەگەر ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرسا ، ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بۇ ئارىدا رويتىرىس ئاگېنتلىقى، دۇنيا ئەللىرى ئوتتۇرا شەرىقتە ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدىكى تەشەببۈسىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بىر پەيتتە ، ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن ھىزبۇللا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە مەزكۈر ھۇجۇم داۋامىدا بېيرۇتتا 900 ئادەمنىڭ قازا قىلىپ، 3000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

3 ‏- ئاۋغۇست كۈنى، ئىسرائىلىيە تەرەپ، ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بېيرۇتنى يەنە بىر قېتىم بومباردىمان قىلدى. ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى يەنە ،لىۋاننىڭ شىمالىي ۋە سۈرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلىرىنىمۇ بومباردىغان قىلغان. (ئەقىدە)