ئىسرائىلىيە ھەربىي قىسىملىرى سەيشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى رايونلاردىن چىكىنىشكە باشلىدى. بۇ ئارىدا ، ئۇرۇشنىڭ باشلانغاندا ئۆي-يۇرتلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئون مىڭلىغان كىشى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى يېزا- كەنتلەرگە قايتىشقا تىرىشماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىزبۇللا پارتىزانلىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن لىۋانغا 30000 ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى نوقتىلارنىڭ كونتروللىقىنى بىر- ئىككى كۈن ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلانماقتا. ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قوماندانى دان ھالوتس، ئىسرائىلىيە ھەربىي قىسىملىرى 10 كۈن ئىچىدە لىۋاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىشى مۇمكىن، دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، لىۋان ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى لىتانى دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا 15000 ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلايدىكەن. لېكىن لىۋان مۇداپىئە مىنستىرى ئىلياس ئەلمۇر لىۋان ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ لىۋان جەنۇبىدىكى ھىزبۇللا جەڭچىلىرىنى قورالسىزلاندۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى قورالسىزلاندۇرۇش ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىق شەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
ھەم ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ھەم ھىزبۇللا ئۇرۇشتا غەلبە قىلغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ئەمما نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسىلەر ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇشتا يەتمەكچى بولغان نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە بۇ ئۇرۇشتا ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى تار-مار قىلشىنى مەقسەت قىلغان، ئەمما ھىزبۇللا ھەرىكىتى تار-مار بولمىدى ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىن سىياسىي تەسىرى تېخىمۇ كۈچەيدى. ھەتتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان، ھىزبۇللا ھەرىكىتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى ئەسكىرىنىمۇ تېخى قۇتقۇزالمىغان. (قانات)
