ئامېرىكا پرىزىدېنتى جورج بۇش سەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا بايانات ئېلان قىلىپ، پات ئارىدا خەلقئارا يىغىن چاقىرىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى بولۇپمۇ، پەلەستىن مىللى ھاكىميەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ماخمۇت ئابباس رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى.
پرېزىدېنت بۇش خەلقئارا يىغىننىڭ نىشانى ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ تېنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ 190 مىليون دوللار سەرپ قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 80 مىليون دوللارنى مەخسۇس ماخمۇت ئابباس ھۆكۈمىتىنىڭ، پەلەستىننىڭ بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە يوللىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پرېزىدېنت بۇش يەنە، ئېچىلماقچى بولغان ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، يىغىندا رايىس ۋە باشقا دۆلەت تاشقى ئىشلار مەسئۇللىرىنىڭ بىرلىكتە پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن باسماقچى بولغان يېڭى قەدەم ۋە تاشقى دىپلوماتىيە ھەمكارلىقلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پرېزىدېنت بۇش ئاخىرىدا، ئىسرائىليەلىكلەرنى پەلەستىن چېگرىسى ئىچىدە قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان يەرلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنى بولسا پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ھۇجۇملارنى توختىتىشقا چاقىردى. (ئەقىدە)