خىتاي مەتبۇئاتلىرى يېقىندا بالىلار بوتۇلكىسى، كىيىم-كېچىكى ۋە ئويۇنچۇقلىرىلىرىدىن ئىبارەت 3 خىل بالىلار مەھسۇلاتلىرىدا زەھەرلىك تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ئىستىمالچىلارنى ئاگاھلاندۇردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئاۋال بالىلارنىڭ ساختا سۈت پاراشوكى 13 بالىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغاندىن كېيىن، خىتايدىكى سەھىيە خادىملىرى يېقىندا بىر قىسىم بالىلار مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە ئۇلار يۇقىرىدىكى 3 خىل بالىلار مەھسۇلاتلىرىدا ئېغىر خىمىيىۋىي تەركىبلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇ خىل زەھەرلىك خىمىيىۋىي ماددىلار راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
بۇ خادىملار دەسلەپ، خىتايدىكى 10 چوڭ توپ سېتىش دۇكانلىرىدا سېتىلىۋاتقان بالىلار ئىمىزگە بوتولكىلىرىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭدىكى خىمىيىۋىي تەركىپ يول قويۇلىدىغان چەكتىن 2 ھەسسە كۆپ بولغان. بۇنىڭدا قىززىق سۈتنى ئىستىمال قىلغاندا، بوتولكىدىكى خىمىيىۋىي ئېلىمىنتلار ئېرىپ بالىلارنىڭ تېنىگە كىرىدىكەن. شۇنداقلا بۇ بالىلارنىڭ جىگەر ۋە بۆرەكلىرىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا گۇاڭدۇڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان 10% بالىلار كىيىم-كېچەكلىرىدە ئىشلىتىلگەن رەڭلەر زەھەرلىك بولۇپ، بۇ تېرىگە تەگكەندە راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، خىتايدىكى رەختلىك ئويۇنچۇقلارنىڭ 83% ئى ئۆلچەمگە توشمايدىكەن. (پەرىدە)