خىتاي سۈپەت باشقۇرۇش تارماقلىرى يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زەھەرلىك دەپ يىغىۋېلىنغان خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ ، مەزكۇر ئويۇنچۇقلار تەركىبىدە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق زەھەرلىك ماددىلارنى بايقىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن بىندىز ماركىلىق ئويۇنچۇقلار تەركىبىدە زەھەرلىك مادا بايقالغانلىقى ئۈچۈن ئىرلاندىيە ۋە ئەنگلىيەلەردە 500 مىڭغا يېقىن شۇ تۈرىدىكى ئويۇنچۇقلار يىغىۋېلىنغان.
ئۆتكەن ھەپتە جەريانىدا، ئامېرىكىدا 4.2 مىليون ئاكۇا دوتس ماركىلىق ئويۇنچۇقلار يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى يىغىۋېلىنغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىمۇ داڭلىق ئويۇنچۇقلارنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان.
خىتاي دۆلەتلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيىدە بازارغا سېلىنغان ئويۇنچۇقلار ئاۋسترالىيىنىڭ قانداغاي ئىگىلىكى شىركىتىنىڭ بۇيرۇتمىسى بىلەن خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىگە جايلاشقان ۋاڭچى مەھسۇلاتلار زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىكەن.
بۇ يىل تومۇز دىن بۇيان خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرى تەركىبىدە ئادەمگە زىيانلىق زەھەرلىك ماددا بايقالغانلىقى سەۋەبلىك، خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا بولۇپمۇ بالىلار ئويۇنچۇقلىرىغا نىسبەتەن دۇنيا بۇيىچە بىرخىل سەگەكلىك تۇيغۇسى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ مابەينىدە ئامېرىكا ماتتېل ئويۇنچۇق شىركىتى خىتايدا ئىشلەنگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى بەش قېتىم يىغىۋالغان ئىدى. (جۈمە)