ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تاھىر يولداشنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
2007.04.08
ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى تېخى يېقىندا ۋەزىرىستاندا يۈز بەرگەن قوراللىق توقۇنۇشتا ئۆلدى دەپ ئېلان قىلىنغان ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى تاھىر يولداشنىڭ ھايات ۋە ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بۇ ھەقتە پەرغانە ئاگېنتلىقى ئۇچۇرغا ئىگە بولغان بولۇپ، ئىگىلىنىشلەرگە قارىغاندا، تاھىر يولداش ئاللا بۇرۇن مەزكۇر توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان قەبىلىلەر رايونىدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئىكەن.
ئالدىنقى ھەپتىلەردىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر جايلاردا يۈز بەرگەن جەڭلەردە تالىبانلار سېپىدىكى ئۆزبېك قوراللىق پىدايىلىرىدىن خېلى كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېيتىلغان. پاكىستاندىكى "داۋن" ناملىق گېزىت مەزكۇر قەبىلىلەر رايونىدىكى ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئىستىكاھملىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، شىن ۋارساك ۋە زاغۇنداي قاتارلىق جەنۇبىي ۋەزىرىستان نۇقتىلىرىغا نىسبەتەن كونتروللۇق ئورنىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. شىن ۋارساك ۋە زاغۇنداي رايونىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 13 نەپەر ئۆزبېكنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توقۇنۇش جەريانىدا 150 نەپەر ئۆزبېك قوراللىق جەڭچىسى ئۆلتۈرۈلگەن. خېلى كۆپ ساندىكى يەرلىك قەبىلە پۇقرالىرى ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغان. تاھىر يولداشنىڭ يېنىدا كۆپ ساندا تاجىكلارمۇ بار ئىكەن.
ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۆزبېكىستان رەھبىرى ئىسلام كەرىموپقا قارشى قۇرۇلغان قوراللىق تەشكىلات بولۇپ، بۇنىڭدىن 5-6 يىللار ئىلگىرى ئۇلار قىرغىزىستاننىڭ باتكەنت رايونى ۋە باشقا جايلار ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا كىرىپ، ئۆزبېك ۋە قىرغىز ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئىسلام كەرىموپ خەلقئارا جەمىيەتتىن بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەزكۇر گۇرۇھنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى جۈمە نەمانگانى بىلەن تاھىر يولداش بولۇپ، نامانگانى ئىلگىرىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئافغانىستان پرېزىدېنتى تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
- پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى توقۇنۇشلاردا ئونلىغان چەتئەللىك مىلىتانت ئۆلگەن
- تالىبانلار ئافغانىستاندا چەتئەللىك ۋە ئافغانىستانلىقلاردىن بولۇپ 5 كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان
- پاكىستاندا ئۆزبېك مىلىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە
- پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 160 ئادەم ئۆلدى