ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنىڭ "سەبداش" ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتىنى تاقىدى
2006.05.04
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان "سەبداش" ئىنسانپەۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئىشخانىسىنى تاقىدى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ، ئۆتكەن يىلى ماي ئىيىدا يۈزبەرگەن ئەنجاندىكى باستۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەل ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە باشلىغان.
مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق "سەبداش" ياردەم تەشكىلاتىنىڭ تاشكەنتتىكى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى دىۋىد ھولىدەي (David Holiday) تاشكەنت شەھەرلىك سوتنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنى سەبداش ياردەم تەشكىلاتىنىڭ تاشكەنتتىكى ئىشخانىسىنى تاقاش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سوتنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ھۆكۈم چىقارغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.
ئەنجاندىكى باستۇرۇشتىن كېيىن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە، ئۆزبېكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەركىزى ئامېرىكىدىكى ئۈچ ياردەم تەشكىلاتىنىڭ ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ ئىشخانىلىرىنى شۇنداقلا، ئازاتلىق رادىئوسى، ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ ئىشخانىلىرىنى تاقىغان.
ئۈزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف، چەتئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندا بىر سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تاشكەنت ۋاشىنگتوندىن يىراقلىشىپ، موسكۋاغا تېخىمۇ يېقىنلاشماقتا
- نازاربايېۋ كەرىموپنىڭ ئەنجاندىكى باستۇرۇشىغا ئىجابىي باھا بەردى
- ئۆزبېكىستان ب د ت نىڭ بۇ دۆلەتتىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنى تاقىدى
- ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي خىراجىتى ئەڭ كۆپ دۆلەت
- ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى سىياسىي ئۆكتىچى ھىدايەتوۋانى قولغا ئالدى