ئۈزبېكستان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ...
2007.03.28
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 28 - مارت كۈنى ئاستانادىن خەۋەر قىلىشىچە، ئۈزبېكستان 2005 - يىلى 5 - ئايدا ئەنجاندا چوڭ باستۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئۈزبېكستانغا قارىتا ھەربىي قورال -ياراق سېتىشنى ۋە ئۈزبېكستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقان ئىدى. بۇ قېتىم گېرمانىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىترى فرانك ۋالتېر شتاينماير قازاقستاننى زىيارەت قىلغاندا، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئېنېرگىيە جەھەتتىكى مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلىشىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رولىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلدى.
ئۈزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر نوروپ شتاينماير ئەپەندىگە "ئۈزبېكستان ياۋروپا بىرلىكى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپكە پايدىلىق مۇناسىۋەتلەر بۇيىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييار، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىشىلىرى ھەققىدە ھېچقايسى دۆلەتكە ئىزھات بېرىشنى ياكى باشقىلاردىن لېكسىيە ئاڭلاشنى خاھلىمايدۇ" دېگەن.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتايمايرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتى جەريانىدا ، كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرى ئۈزبېكستاننى ئەنجان ۋەقەسىدىن ھازىرغىچە بۇ دۆلەتتە نۇرغۇن ئادەمنىڭ "سىياسىي جىنايەت" بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلىقى، قېيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە شتاينماير ئەپەندىگە ئۈزبېكستانغا كىشىلىك ھوقۇققا ھۈرمەت قىلىش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئۈزبېكستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر نوروپ "بۇ مەسىلە بىلەن ئۈزبېكستاننىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر گەۋدە بولۇشى بىر -بىرىگە ئوخشىمايدىغان مەسىلە، بۇنداق ئەيىبلەشكە بىز ھەرگىز يول قويمايمىز" دېگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستاندا سەرگەردانلار كۆپەيمەكتە
- ئۆزبېكىستان غەرب دۆلەتلىرىگە يېقىنلاشماقتا
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى كېچىكتۈردى
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان مەتبۇئاتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىدى
- ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ۋىزا تۈزۈمىنى ۋاقتىنچە بىكار قىلدى