ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ خانئاباتتىكى ھەربىي بازىنى ئىشلىتىشىگە يول قويدى
2008.03.05
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خانئاباتتىكى ھەربىي ھاۋا بازىسىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر قارار ئالغانلىقى، ئۆزبېكىستان بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ بېشارىتى ھېسابلىنىدىكەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئۆزبېكىستان 2005 - يىلى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزبېك بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ 2005 - يىلى ماي ئېيىدا ئەنجان شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، خانئاباد ھەربىي بازىسىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى مەزكۇر بازىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى.
ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقە توغرىسىدا ب د ت تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرىشى، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ بۇزۇلۇشىغا، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. لېكىن پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەكىلى روبېرت سېمونس، چارشەنبە كۈنى موسكۋادا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ دېكابىر ئېيىدىكى باياناتىدىن بېرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى خانئاباتتىكى ھەربىي بازىدىن، ئافغانىستانغا ئەسكەر ۋە قورال - ياراق يۆتكەش ئۈچۈن پايدىلانماقتا، دېدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمى
- ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى، ب د ت دا سۈرۈشتۈرۈلمەكتە
- ياۋروپا بىرلىكى قىرغىزىستاندا قەست قىلىنغان ژۇرنالىست دېلوسىنى جىددىي تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
- ئامېرىكا قىرغىزىستاندىن سۈيقەستكە ئۇچرىغان مۇخبىرنىڭ قاتىلىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى
- ئىسلام كېرىموف نامزاتلىقنى يەنە قولدىن بەرمەيدۇ
- ئۆزبېكىستاندا خەلقئارالىق ناخشا-مۇزىكا فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۈزبېكستان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ...
- ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستانغا قاراتقان چەكلىمىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى كېچىكتۈردى









