ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجان ۋەقەسى ھەققىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى قوبۇل قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن 2005‏- يىلى يۈز بەرگەن ئەنجان ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈستىدىكى تەسىرى ھەققىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى تاشكەنتكە باردى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆزبېكىستان باش تەپتىش ئىدارىسى خادىملىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئالاھىدە ۋەكىلى پىيەر مۇرىل، ئازادلىق رادىئوسى ئۆزبېك بۆلۈمىگە بەرگەن باياناتىدا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى خادىملىرى بىلەن ئەنجان ۋەقەسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى 14 نەپەر ئەدلىيە، ساقچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار ئەنجان ۋە تاشكەنتدە 2005‏- يىلى ئەنجاندا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئەنجان ۋەقەسىدە كۆپىنچىسى قوراللىق مىلىتانتلار 187 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. ھالبۇكى ۋەقە شاھىتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەنجاندا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدە خەلقئارالىق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلىشى، غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. (قانات)