پاكىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىدىن يەنە بىرى يۈز بەردى


2008.01.10

سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى لاھۇر شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 22 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 60 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارتلاش ۋەقەسى لاھۇر شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئادەم كۆپ توپلاشقان مەيداندا يۈز بەرگەن بولۇپ، نەچچە ئونلىغان ساقچى لاھۇردىكى ئادۋوكاتلار ئېلىپ بارماقچى بولغان نارازىلىق پائالىيىتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن مەزكۈر مەيدانغا يىغىلغاچقا يارىلانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ساقچىلار ھېسابلىنىدىكەن.

پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلىشىچە، پارتلىتىش ھۇجۇمى بىر ياش ئەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان، ئۇ موتوسىكلىت بىلەن ساقچىلار توپلاشقان جايغا كەلگەندە ئۆزىنى پارتلاتقان. بىراق بۇ قېتىم يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. كىشىلەر، ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈش نىشان قىلىنغان بۇ پارتلىتىشنىڭ بۇتتو خانىمنى ھىمايە قىلىدىغان تەرەپدارلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پاكىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىي ھالەتتە بولۇپ، ئەسلىدە مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام 2 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2007 ‏- يىلى بىر يىل ئىچىدە پاكىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدىن 50 قېتىم يۈز بېرىپ، 3000 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.