ياپونىيىلىك بىر دىپلومات خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى


2005.12.27

ياپونىيىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدا ئىشلەيدىغان 40 نەچچە ياشلاردىكى ياپونىيىلىك بىر دىپلومات، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بېسىمغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

مەزكۇر دىپلوماتنىڭ ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن كونسۇلخانا قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسىدا، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىدا ئىشلايدىغان بىر كىشى، مەزكۇر دىپلوماتقا ئۇنىڭ بەزمىخانىدىكى بىر كۈتكۈچى قىز بىلەن بولغان غەيرى رەسمى مۇناسىۋىتىنى پاش قىلىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭدىن ياپونىيە كونسۇلخانىسىنىڭ مەخپىي ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. بۇ دىپلومات ۋەسىيەتنامىسىدا " دۆلىتىگە ساتقۇنلۇق قىلىش نىيىتى" يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر دىپلومات ھېلىقى كىشىنى مەخپىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ياپونىيە دائىرلىرى، ئەگەر بۇ ۋەقە راست بولۇپ چىقسا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭ دائىرلىرىغا رەسمى يوللار بىلەن نارازىلىق بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىن گاڭ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ ياپونىيىلىك دىپلوماتقا تەھدىت سالغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغان ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇ سەيشەنبە كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، "ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەزى چۈشەندۈرۈشلىرى ھېچقانداق ئاساسقا تايانمىغان،" دەيدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بېرى ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك سۈركىلىش بارغانچە كۈچەيمەكتە. يېقىندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ياپونىيە باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئۆتكەن ھەپتە جوڭگونى "ئىنتايىن زور تەھدىت،" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.