پاكىستان قىسىملىرى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىدا تازىلاش ئېلىپ باردى


2004.09.10

پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارلىشىچە، پاكىستان قىسىملىرى ئافغانىستان - پاكىستان چېگرىسىدىكى جەنۇبىي ۋازىرىستاندا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ ، چەتئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز دېگەندە 6 گۇمانلىق تېرورچىنى ئۆلتۈرگەن.

پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى شاۋكەت سۇلتان پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى قانى غۇرام يېزىسىغا يوشۇرنىۋالغان گۇمانلىق تېررورچىلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغانلىنى بىلدۈرگەن. پاكىستان دائىرىلىرى ، ئەل - قائىدىنىڭ جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى تەلىم تەربىيە بازىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان بۇنىڭ ئالدىدىكى بومباردىماندا ، 50 تىن ئارتۇق گۇمانلىق تېرورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى .

شاۋكەت سۇلتان ، ئۆلتۈرۈلگەن 6 گۇمانلىق تېرورچىنىڭ بەشى چەتئەللىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن . بىراق ئۇ ، قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان . پاكىستان ، جەنۇبىي ۋازىرىستاننىڭ مەركىزى ۋانانىڭ 25 ك م شەرقىي - شىمالىغا جايلاشقان دىلا قۇلا يېزىسىدىكى نىشانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئالدىنقى كۈنكى بومباردىماندا ئۆلتۈرۈلگەن 50 نەچچە كىشىنىڭ ئىچىدە ئۆزبېكلەر ، چېچەنلەر ۋە ئەرەبلەرنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى .پاكىستان 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى ئافغانىستاندىكى سابىق تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ ئارقا تۈۋرىگى بولسىمۇ بىراق ، - 11 سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىدىكى ھالقىلىق كۈچ بولۇپ قالدى .(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.