پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى ئەل قايدىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر خادىمىنى ئۆلتۈردى
2004.09.26
پاكىستان دائىرلىرى، مەزكۇر دۆلەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەل- قايدە خادىمىنىڭ پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئەمجاد فارۇقى، پاكىستان پرىزدېنتى پەرۋىز مۇشەررەفكە سۈيقەست قىلىش، ئامېرىكىلىق مۇخبىر دانىيال پېرلنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان.
ئەمجاد فارۇقى، جەنۇبىي سىندى ئۆلكىسىنىڭ ناۋابشاھ رايۇنىدىكى ئۆيىدە پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇش جەرىيانىدا ئۆلتۈرۈلگەن. پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى شەيخ راشىدى، ئەمجاد فارۇقىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. شەيخ رەشىدىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈچ نەپەر ئىنتايىن مۇھىم گۇمانلىق تېرورچى ئەسىرگە ئېلىنغان.
پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى يېقىندىن بېرى پاكىستان چىگراسى ئىچىدىكى رادىكال ئىسلامچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەركىتىنى كۈچەيتىشكە باشلىغان. پاكىستان دائىرىلىرى ئىلگىرى ئەمجاد فەرۇقىنى تۇتۇپ بەرگە نلەرگە 300 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. پاكىستان ئامېرىكىنىڭ ئەل قايدە ۋە تالىبان كۈچلىرىنى يوقۇتۇش ھەركىتىدىكى ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقدىشى. پاكىستان ئىلگىرى تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت ئىگىللىشىگە ياردەم قىلغان.11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تالىبان كۈچلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كېچىپ، ئامېرىكىنىڭ تېرورىزىمغا قارشى ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان. (ئەركىن)
- روسىيە، ب د ت غا تېررورىزم بىلەن باغلىنىشى بولغان سىياسى پانالانغۇچىلارنى قايتۇرۇش تەكلىپى سۇندى
- شامىل باسايېف ، بېسلان پاجىئەسىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
- رۇسىيە كولىن پوۋېلنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرىلىدى
- پاكىستان قىسىملىرى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىدا تازىلاش ئېلىپ باردى
- جاكارتادىكى ئاۋىستىرالىيە ئەلچىخانىسى سىرتىدا يۈز بەرگەن پارتىلاشتا سەككىز ئادەم ئۆلدى
- خىتاي رۇسىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تەييارلاندى
- رۇسىيە چېچەن ئۆكتىچىلىرىنى تۇتۇشقا 10 مىليون دوللار مۇكاپات چىقاردى
- ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن قوراللىق كۈچلەر توقۇنۇشى داۋاملاشماقتا
- رۇسىيىدىكى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى