مۇشەررەپ غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېدى
2004.09.28
ئىتالىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان پاكىستاننىڭ پرىزدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ، تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش پەقەت مۇسۇلمانلار ئەسەبىيلىكنى رەت قىلىپ، غېرىب دۆلەتلىرى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ئىختىلاپلىرىنى بىرتەرەپ قىلغاندىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايدۇ، دىدى.
مۇشەررەپ سەيشەنبە كۈنى، ئىتالىيە پرىزدېنتى كارلو چاپنى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا "ئىسلام دۇنياسى ئەسەبىيلىك ۋە ئۇرۇش خۇمارلىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك"، دىدى.
لېكىن ئۇ سۆزىدە غېرىب دۆلەتلىرىنىمۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: "ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئەسەبىيلىك، ئۇرۇش خۇمارلىقى ۋە تېررورچىلىقنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك"، دىدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەسىلىلەر بىر تەرەپ بولمىغۇچە تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجە بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن.
پەرۋېز مۇشەررەپ يەنە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدىن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئىجتمائىي ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۈچۈن ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. (ئەقىدە)