پاكىستان بىلەن خىتاي سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى
2004.10.07
پاكىستان ۋە خىتاي چىگرا رايۇنلىرىدىكى سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ۋە ساياھەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭىدىن ئىككى كومىتېت قۇردى.
مەزكۈر كومىتېتلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى پاكسىتاننى زىيارەت قىلىۋاتقان ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىغا تەيىنلىگەن رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى بىلەن پاكىستاننىڭ كەشمىر ۋە شىمالىي رايۇن ئىشلىرىغا مەسئول مىنىستىرى ماخدۇم فائىسال پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان. بىراق خەۋەردە يېڭىدىن قۇرۇلغان مەزكۈر كومىتېتلارغا قانداق نام بېرىلگەنلىكى تەكىتلەنمىگەن.
پاكىستاننىڭ مىنىستىرى فائىسال يەنە، پاكسىتاننىڭ خىتاينىڭ ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا شەرق بىلەن سودا قىلىشى ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز يوللىرىنى ئىشلىتىشىگە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئاخىرىدا، خىتايدىن ساياھەتچىلەرنىڭ پاكىستانغا كىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن قونجىراپ، سۇست ۋە گىلگىتتە ئالاھىدە ۋىزا ئىشخانىلىرىنى ئېچىپ، ساياھەتچى ۋە سودىگەرلەرنىڭ سەپىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. پاكسىتان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرىشىغا يېقىندىن ياردەم بېرىپ كىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. (ئارزۇ)