پاكىستان دائىرىلىرى مۇسۇلمان پىدائىيلارغا ھۇجۇم قىلدى
2004.10.20
پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى چارشەنبە كۈنى ئابدۇللا مەخسۇد باشچىلىغىدىكى مۇسۇلمان پىدائىيلار جايلاشقان پاكىستاننىڭ ئافغانسىتان چېگرىسىغا يېقىن بىر جايغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى تېخى كۆرۈلمىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەرىكەتكە 1000 غا يېقىن پاكىستان ئەسكىرى قاتناشقان بولۇپ، پىيادە قىسىملار تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننىڭ قوغدىشى بىلەن چېگرا بويىدىكى تاغلىق رايونلارغا ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان.
ئابدۇللا مەخسۇد گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن بۇ يىل 3- ئايدا قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ يەنە يېقىندا يۈز بەرگەن ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالماقتا.
شۇنداقلا ئىلگىرى ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىمۇ ئوساما بىن لادىننىڭ مۇشۇ جايغا يوشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي دائىرىلىرى پاكىستاندىكى توسما قۇرۇلۇشنى ۋاقتىنچە توختاتتى
- پاكىستان خىتاي ئىنژېنېرنىڭ جەسىتىنى ھەربىي ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كەلدى
- بېيجىڭ ئىسلامئابادنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى
- پاكىستان پىدائىيلىرى گۆرۈگە ئېلىۋالغان خىتاي ئىنژېنېرلىرىنىڭ بىرى ئۆلدى
- پاكىستان پىدائىلىرى گۆرۈگە ئالغان خىتاي پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى
- پاكىستان قەبىلە باشلىقلىرى مۇسۇلمان پىدائىلارنى خىتاي پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشكە ئۈندىدى
- گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى خىتاي پۇقراسى تېخىچە قويۇپ بېرىلمىدى
- خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئىككى ئىنژېنېرى گۆرۈگە ئېلىندى
- پاكىستان بىلەن خىتاي سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتتى
- مۇشەررەپ غەرب دۆلەتلىرى ئىسلام دىنى بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دېدى