پاكىستان قوشۇنلىرى جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى مۇسۇلمان پىدائىلارغا ھۇجۇم قىلدى


2004.10.27

پاكىستان ئامانلىق كۈچلىرى چارشەنبە كۈنى ئافغانىستان چېگرىسىدىكى يېقىندا ئىككى نەپەر خىتاي ئىنژېنىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان جەنۇبىي ۋازىرىستاندا قوراللىق مۇسۇلمان پىدائىيلار بىلەن توقۇنۇشۇپ، ئۈچ پىدائىينى ئۆلتۈردى، تۆتىنى يارىدار قىلدى، پاكىستان قىسىملىرىدىن ئۈچ ئەسكەر يارىلاندى.

پاكىستان ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى شاۋكەت سۇلتاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇسۇلمان پىدائىيلار جەنۇبىي ۋازىرىستان مەركىزى ۋانانىڭ غەربىدىكى ئازام ۋارساق يېزىسى ئەتراپىدا مەزكۇر رايوندىكى پاكىستان قىسىملىرىنىڭ قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان. ئۈچ نەپەر مۇسۇلمان پىدائىي توقۇنۇش جەريانىدا ئۆلگەن. شاۋكەت سۇلتان ، يارىلانغان 4 نەپەر پىدائىينىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ ئەسىرلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېلان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

جەنۇبىي ۋازىرىستان ئەرەپلەر ، ئافغانلار ، چېچەنلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز كىشىلىك چەتئەل پىدائىيلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونى دەپ قارىلىدۇ. پاكىستان قىسىملىرى بۇ يىل 4 - ئايدىن بېرى مەزكۇر رايوندا چەتئەللىك مۇسۇلمان پىدائىيلار ۋە رايوندىكى ئەل قائىيدە كۈچلىرىگە قارشى ھەربىي ھەركەت ئېلىپ بارماقتا.

شۇنداقلا پاكىستان قىسىملىرى بۇ رايوندا جەنۇبىي ۋازىرىستاندىكى مۇسۇلمان پىدائىيلارنىڭ قوماندانى ئابدۇللا مەسئۇدنى ئىزدىمەكتىكەن. ئابدۇللا مەسئۇد يېقىندا مەزكۇر رايوندىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىۋاتقان ئىككى نەپەر خىتاي ئىنςئېنىرنى گۆرۈگە ئېلىش ھەركىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن تونۇلغان. خىتاي ئىنژېنىرلارنىڭ بىرى قۇتقۇزۇش ھەركىتى جەريانىدا ئۆلتۈرۈگەن ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.