ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستان ئارمىيىسىگە ئامېرىكىنىڭ F – 16 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغان. پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا ئۇقتۇرغان.
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سانجۇي بارۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، "باش مىنىستىر سىڭ بۇ قاراردىن ئىنتايىن ئۈمىتسىزلەنگەن". بىراق بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ پاكىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي سودا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇش ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار، " پرېزىدېنت مۇشەررەف تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر چاغدا، بەلگىلىك ئايروپىلانلار پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم،" دەپ قارايدىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، ئۆتكەن ھەپتە ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى زىيارەت قىلغاندا، F – 16 بەلگىلىك ئايرۇپىلان سودىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بىراق ئۇ، ئەينى چاغدا بۇ سودىنىڭ پات ئارىدا پۈتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئۇچۇر مىنىستىرى شەيخ ئەخمەد رىشىد، پاكىستاننىڭ F – 16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. كۆزەتكۈچىلەر، ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي سودا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)