پاكىستاندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر كۆپەيمەكتە
2005.10.10
پاكىستاندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر ئاز دېگەندە 20 مىڭ ئادەمغا يېتىدۇ، دەپ قارالماقتا. ئەمما پاكىستان دائىرىلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ بۇ ساندىن بىر ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پاكىستان ھەربىي تەرەپ ئاخبارات باياناتچىسى گېنېرال شاۋكەت سۇلتان فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسىمى مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، "بىر ئەۋلاتتىن ئايرىلغانلىقىنى" بىلدۈردى. شاۋكەت سۇلتاننىڭ تەكىتلىشىچە، كەشمىرنىڭ مۇزئەكبەرئاباد رايونىدا ئۆيلەرنىڭ 70 ٪ ئۆرۈلگەن. يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ئائىلە قالمىغان. پاكىستان دائىرىلىرى ئۆلگەنلەرنىڭ 30 مىڭدىن 40 مىڭغىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش پائالىيىتى قانات يايماقتا. ئەمما يەر تەۋرەش رايونىغا بارىدىغان يوللار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى ۋە بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىش قىيىنلىققا ئۇچرىغان.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەف، خەلقئارا جەمئىيەتتىن تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلىرى ئەۋەتىش ۋە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە ياردەم بۇيۇملىرىنى يوللىغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى مىككىلىلان، ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا دەسلەپكى قەدەمدە 50 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستاندىكى يەر تەۋرەشتە 20 مىڭغا يېقىن كىشى قازا قىلدى
- "رىتا" چاپقۇنى سالغان زىيان مۆلچەرلىگەندىن تۆۋەن بولدى
- مېكسىكا قولتۇقىغا "كاترىنا" چاپقۇنىدىن كېيىن "رىتا" كېلىۋاتىدۇ
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلققە 700 مىليون دوللار تارقاتتى
- دائىرىلەر يېڭى ئورلىياندا پۇقرالارنى مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرماقتا