پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەف خىتاينى زىيارەت قىلماقچى


2006.02.09

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۈشەررەف كېلەر ھەپتە خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلايدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، فېۋرال ئېيىنىڭ 19 ‏- كۈنىدىن 23 ‏- كۈنىگىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان، پەرۋىز مۈشەررەف بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىڭتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يەنە خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن.

كۇڭ چۈەن سۆزىدە، "پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۈشەرەفنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ" دەپ بىلدۈرگەن.

پاكىستان بىلەن خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن بولۇپ ، ئىسلام - ئاباد بېيجىڭنىڭ، ھەربى قورال ئىكىسپورت قىلىدىغان ، ئەڭ چوڭ خېرىدارلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

غەرب دۆلەتلىرى ئىلگىرى ، خىتاينى پاكىستاننى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىگەن دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. لېكىن يادرۇ بومبىسى توشۇيالايدىغان قىسقا ۋە ئۇزۇن موساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىققان پاكىستان، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۆزىنىڭ تېخنىك كۈچىگە تايىنىپ ياساپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.