پاكىستاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى، بۇشنىڭ بۇ دۆلەتتە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ
2006.03.02
بۈگۈن پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 2 - مارت كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتلاش ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا 20 مېتىر يىراقلىقتىكى جايدا يۈز بەرگەن.
پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر تاشقى ئىشلار خادىمىمۇ بار بولۇپ، مەزكۈر پارتلاش ۋەقەسى پرېزىدېنت جورج بۇشنىڭ پاكىستاندا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا يۈز بەرگەن، بىراق بۇش بۇ ۋەقەنىڭ ئۇنىڭ بۇ دۆلەتتە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەف بىلەن تېررورچىلىققا زەربە بېرىش مەسىلىسىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك مەزكۈر پارتلاش ۋەقەسى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا شۇنداقلا ئامېرىكىلىقلار كۆپ كېلىدىغان بىر رېستۇرانغا يېقىن يەردە يۈر بەرگەن. پارتلاشتا 46 ئادەم يارىلانغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان خىتايدىن يادرو رېئاكتور قازىنى سېتىۋېلىش ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا
- كەشمىردىكى يەر تەۋرەشتىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى يىتەرسىز بولماقتا
- كوندولىزا رايس پاكىستاننى زىيارەت قىلدى
- پاكىستاندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر جىددىي كۆپەيمەكتە
- پاكىستاندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر كۆپەيمەكتە