پاكىستاندا خىتاي پۇقرالىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
2007.07.09
پاكىستاننىڭ غەربىي - شىمالىدىكى پىشاۋۇر شەھىرىدە يەكشەنبە كۈنى بىر موتوسىكلىت كارخانىسىدا ئىشلەيدىغان 3 نەپەر خىتاي تېخنىك خادىمى، سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. يەنە بىر نەپەر خىتاي تېخنىك خادىمى ئېغىر يارىلاندى.
پىشاۋۇر شەھىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ئابدۇلكەرىم، قوراللىق كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسىدى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، بۇ ۋەقە ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلام جەڭچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىدىن گۇمانى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدىن بۇرۇن يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، پاكىستاندا خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ۋە بەزى ۋەقەلەردە خىتاي پۇقرالىرى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ۋەقە پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى قىزىل مەسچىتلىك رادىكال تالىپلارنىڭ ئىسلامئابادتىكى بىر خىتاي پاھىشىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 6 نەپەر خىتاي ئايالنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ۋە بۇ توقۇنۇش ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە يۈز بەردى.
بۇ ۋەقە قىزىل مەسچىتلىك تالىپلارنى قوللىغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. لېكىن قىزىل مەسچىتلىك تالىپلارنىڭ خىتاي پاھىشە ئاياللىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاپتاپ خان شەرپودىن قىزىل مەسچىتلىك تالىپلارنى جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى كىشىلەرگە مەلۇم ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستاندىكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش بولمىدى
- قىزىل مەسچىتتىكى توقۇنۇش داۋاملاشماقتا
- قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار رەھبىرى ئۆلسىمۇ تەسلىم بولمامدۇ ؟
- پاكىستان سوتى قىزىل مەسچىت ئىمامى ئابدۇلئەزىزنى ئەيىبلىدى
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي- پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزدى
- قىزىل مەسچىت ۋەقەسى خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋىتىگە زەربە بەرگەن
- پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تېررورلۇققا قارشى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا كەلدى
- پاكىستان-ھىندىستانلاردا تەبىئەت ھادىسىلىرىدە كۆپلىگەن ئادەملەر قازاغا ئۇچرىدى