پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى قىزىل مەسچىتكە قوراللىق ھۇجۇم قىلدى


2007.07.10

پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن ئاخبارات ساھەسىگە، دۈشەنبە كۈنى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتىكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار بىلەن سۆھبەت نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن جاھىل كۈچلەرنى قوراللىق تىنجىتتۇق دەپ جاكارلىدى.

باياناتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتكە قارىتا قوراللىق ھۇجۇمى دۈشەنبە كۈنى سەھەر تۆتتە باشلانغان بولۇپ، قىزىل مەسچىتلىك تالىپلارمۇ جىددىي قارشىلىق كۆرسەتكەن، قوراللىق توقۇنۇش جەريانىدا ئاز دېگەندە ئەللىك نەپەر تالىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. يەنە ئەللىك نەپەر قارشىلاشقۇچى قولغا ئېلىنغان. ھازىرغىچە قىزىل مەسچىتلىك تالىپلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى تىنجىتىلغان. توقۇنۇشتا يەنە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ سەككىز نەپەر ئەسكىرى ئۆلگەن، 15 ئى يارىلانغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىزىل مەسچىتتىن تالىپلار گۆرۈگە ئالغان نەچچە يۈز ئايال ۋە بالىلار تېپىلمىغان ئەمما 20 نەپەر بالا ئامان ‏- ئېسەن قىزىل مەسچىتتىن قېچىپ چىققان. بۇنىڭ ئالدىدا پەرۋىز مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى بىر كىلىشتۈرگۈچىلەر ئۆمىكىنى قىزىل مەسچىتتىكى تالىپلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئابدۇلرەشىد غازى يېتەكچىلىكىدىكى قىزىل مەسچىتلىك تالىپلار ھۆكۈمەتكە تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان ئىدى.

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئەگەر تالىپلار تەسلىم بولمىسا، ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن تالىپلارنىڭ رەھبىرى ئابدۇلرەشىد غازى، ئۆلسىمۇ تەسلىم بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.