پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ قيىنچىلىقى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە

پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتكە قاراتقان ھۇجۇمى بىلەن ، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرپپىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپ، جۈمە كۈنى پاكىستان ئالىي سوتىنىڭ قارارى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ قيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلدى.

پاكىستان ئالىي سوتى جۈمە كۈنى، مارت ئېيىدا پرېزىدېنت مۇشەررەپ تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان، پاكىستان ئالىي سوتىنىڭ رەئىسى ئىپتىخار مۇھەممەت چودرىنى ۋەزىپىسىگە قايتىدىن تەيىنلەش توغرىسىدا قارار چىقارغان ھەمدە پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ چودىرىنى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەپ ئالىي سوتقا سۇنغان ئەرزىنى رەت قىلغان.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، پاكىستان ئالىي سوتىنىڭ قارارى، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قىزىل مەسچىتكە قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن، پاكىستاندىكى دىنىي گۇرۇپپىلار ھۆكۈمەتكە قارشى ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەن بىر پەيىتتە، پرېزىدېنتى مۇشەررەپنىڭ پاكىستاندا تۇراقلىقنى قايتىدىن تىكلەش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ قيىنلاشتۇرۇدىغانلىقىنى بايان قىلىشماقتا.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئالىي سوتىنىڭ قارارى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ ئالىي سوتنىڭ رەئىسى چودىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىغا قارشى پاكىستاندا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆكتىچى پائالىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن قىزىل مەسچىتتىكى رادىكال دىنىي گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى قوقۇنۇشلارنىڭ، 7 خىتاي پۇقراسىنىڭ قىزىل مەسچىتنىڭ دىنىي ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنىشىنىڭ ئارقىسىدا باشلىغانلىقى سەۋەبىدىن، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتكە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن، پاكىستاندىكى خىتاي نىشانلىرىغا قارتىلغان ھۇجۇملار كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 30 يېقىن كىشى ئۆلگەن ئىدى. (ئۆمەر قانات)