ئەسىرگە چۈشۈشكە رازى بولمىغان تالىبان كاتتىبېشى ئۆزىنى پارتلىتىۋالدى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسلامئاباتتىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،-24 ئىيۇل كۈنى پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە قارشى قوراللىق كۈچ بولغان تالىبانلار كاتتىبېشىدىن بىرى بولغان، ئابدۇللا مەخسۇد ،پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرا رايونى ئەتراپىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ، قول بومبىسى بىلەن ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

ئابدۇللا مەخسۇد -2004 يىلى پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ۋازىرىستاندا ئىككى نەپەر خىتاي ئېنجىنېرنى گۆرۈگە ئېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى.

بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ئابدۇللاھ مەخسۇد ، ئىلگىرى تالىبان ھەمدە ئەلقائىدە كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو تۈرمىسىگە ئىككى يىلدىن ئارتۇق قامالغاندىن كېيىن گۇانتانامودىن قويۇپ بېرىلگىنىگە ئۈچ يىل بولغان .

پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئىپادىلىشىچە ، ئابدۇللا مەخسۇد بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئارىسىدىكى ئېتىشىش يېرىم سائەت داۋاملاشقان، پاكىستان ئارمىيىسى ئابدۇللا مەخسۇد ۋە ئۇنىڭ جەڭچىلىرىنى تەسلىم بولۇشقا قىستىغان بولسىمۇ ،ئابدۇللا مەخسۇد تەسلىم بولۇشقا رازى بولماي ئۆزىنى پارتلىتىۋالغان. (گۈلچېھرە)