پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 9 كىشى ئۆلدى
شەنبە كۈنى پاكىستاندا يەنە قانلىق ھۇجۇم ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەردى. پاكىستاننىڭ غەربىي شمال رايونىدىكى پاراچىنار شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 9 كىشى ئۆلگەن ۋە 35 كىشى يارىلانغان بولۇپ شەھەر ئىچىدىكى بازاردا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھۇجۇمدا نۇرغۇنلىغان دوكان ۋە ماشىنا ۋەيران بولغان. شۇنداقلا پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان ئۆلكىسىدە تالىبانلارنى قوللايدىغان مىلىتانلارنىڭ بىر ھەربىي پونكىتىغا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە 4 پاكىستان ئەسكىرى ئۆلگەن ۋە 4 ئەسكەر يارىلانغان. پاكىستان ئارمىيە باياناتچىسى گېنرال ۋاھىد ئەرشەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇنۇشلاردا 10 مىلىتانت پاكىستان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
شىمالىي ۋەزىرىستان ئەلقائىدە ۋە تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رايوندىكى مىلىتانتلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە. گەرچە پاكىستان ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە كەڭ كۆلەملىك بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلاتمىغان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى مىلىتانلارنىڭ پاكىستان ئارمىيىسىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىشىگە سەۋەب بولماقتا.
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ ئۆتكەن يىلى شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى قەبىلىلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن پاكىستان ھۆكۈمىتى شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى ھەربىي تازىلاش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى ۋە قەبىلىلەر بولسا رايوندا چەتئەللىك مىلىتانلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقنى ۋەدە قىلغان.
لېكىن پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئۆتكەن ئاي ئىسلام ئابادتىكى قىزىل مەسچىتكە قاراتقان ھۇجۇمىدىن كېيىن، شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى قەبىلىلەر پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمنى بىكار قىلغان. پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قىزىل مەسچىتگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن پاكىستاندا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن بولۇپ، پاكىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ن ھۇجۇملار ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 200دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەر مەسىلىسى ئۈستىدە كورىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلەشمەكچى
- ئەلقائىدىچىلەر پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋىدىئو خەۋىرى تارقاتتى
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان يەنە بىر كورىيىلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئەسىرگە چۈشۈشكە رازى بولمىغان تالىبان كاتتىبېشى ئۆزىنى پارتلىتىۋالدى
- پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ قيىنچىلىقى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە
- تالىبانلار تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان ئىككى گېرمان پۇقراسىى ئۆلتۈرۈلدى
- پاكىستاندا خىتاي پۇقرالىرى يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
- ئەلقائىدە ، پاكىستانلىقلارنى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆچ ئېلىشقا چاقىردى