ناۋاز شەرىف پاكىستاندىن قايتۇرۇپ چىقىرىۋېتىلدى

10-سېنتەبىر ئىسلامئاباد ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن سۈرگۈندە ياشاۋاتقان پاكىستان سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف، ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ ، شۇ كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا يوللىنىپ، پاكىستاندىن قايتۇرۇۋېتىلدى.

ئېرۇسالېم پوچتا گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، قارا كىيىنگەن پاكىستان ئالاھىدە ئەترەت ئەزالىرى ئايرودرومغا كىرگەن ھەمدە شەرىف ئەپەندىنى قورشىۋالغان ۋە ئۇنىڭدىن پاسپورتىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، شەرىف ئەپەندى پاسپورت تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان.

ناۋاز شەرىف يەكشەنبە كۈنى لوندوندىن پاكىستانغا قاراپ ئۇچۇش ئالدىدا ، پاكىستان پرېزىدېنتى گېنېرال پەرۋىز مۇشەررەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ شەرىف ئەپەندىنى قولغا ئېلىشى ۋە پاكىستاندىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

شەرىف ئەپەندى 1999- يىلى ھوقۇقىنى پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ ھەربىي ھاكىمىيىتىگە تارتقۇزۇپ قويغان بولۇپ، ئۇ بۇ يىل ئاخىرىدا پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپكە جەڭ ئېلان قىلىش نىيىتىنى ئىپادىلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرىف ئەپەندىنىڭ ئىقبالىغا چىققان ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچىلار توسۇق قۇرۇپ شەرىف ئەپەندىنى قوللىغۇچى ئاممىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى قويمىغان.

ئامېرىكا ئاقساراي، شەرىف ئەپەندىنىڭ پاكىستاندىن قايتۇرۇۋېتىلىشىنى پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشى، دەپ سۈرەتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل كۈزدە پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنىڭ ئادىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. (جۈمە)