پاكىستان ساقچىلىرى بۇتتونى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى


2008.01.20

پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى بىر نەپەر 15 ياشلىق ئۆسمۈرنى قولغا ئالغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بەش كىشىدىن تەشكىللەنگەن بىنەزەر بۇتتونى ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان ئىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر جىنايەت گۇماندارى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا قولغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇ ساقچىلارغا ئىقرار قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇتتونى ئۆلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بارغانلىقى ھەمدە تالىبانلارنىڭ قوماندانلىرىدىن بىرى مەسئۇد تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، بېنەزەر بۇتتو ئۆلتۈرۈلگەندە پاكىستان دائىرىلىرى مەسۇدنىڭ بۇ قاتىللىقنى سادىر قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق، مەسئۇدنىڭ باياناتچىسى مەسئۇدنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھازىر بۇتتونى ئۆلتۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى ئىزدەش داۋاملاشماقتا، بىراق بۇتتونىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى ھەققىدە ھەر خىل قىياسلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇتتونىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ جىنايەتنىڭ ئارقىسىدا بۇتتوغا قارشى سىياسىي كۈچلەر ۋە ياكى ھەربىي دائىرىلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشىدىكەن. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدەش سۈرىتىنى تېزلەتمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىشقان.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.