مۇشەررەف : كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئەركىن ، ئادىل بولىدۇ
2008.01.24
پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەف ، مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، پاكىستاندا كېلەر ئاي ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۈشەررەف پەيشەنبە كۈنى شۋېتسارىيىدە ئېچىلغان دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قەتئىي ۋە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۈر پاكىستان رەھبىرى ، ئافغانىستان رەھبىرى كارزاي بىلەن بىرگە دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن جەريانىدا مۈشەررەف، پاكىستانغا قوشنا ئەللەرنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشىگە ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مۇشەررەف ، چارشەنبە كۈنى داۋوستا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، رايىس مۈشەررەفتىن ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن يەنە خەلقئارا تېررورچىلىققا زەربە بېرىش كۈرىشىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان. شۋېتسارىيىنىڭ داۋوس شەھىرى مۇشەررەفنىڭ ياۋرۇپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا زىيارىتىدە ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشتە قوللاشقا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرى داۋامىدا بىلگىيە ، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيىلەرنى زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان ساقچىلىرى بۇتتونى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى
- پاكىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىدىن يەنە بىرى يۈز بەردى
- بۇتتونىڭ يولدىشى، ب د ت نى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى
- پاكىستان پارلامېنت سايلىمى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن
- پاكىستاندا زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈش ھەرىكەتلىرىدە تۆت كۈندىن بۇيان 47 ئادەم ئۆلدى
- بەنەزىر بۇتتونىڭ ئوغلى ئۇنىڭ ئىزىنى باستى
- پاكىستان دائىرىلىرى: بەنەزىر بۇتتونىڭ ئۆلۈمىدە ئەل - قائىدىنىڭ قولى بار
- سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو سۈيقەستكە ئۇچرىدى









