پاكىستان-ھىندىستانلاردا تەبىئەت ھادىسىلىرىدە كۆپلىگەن ئادەملەر قازاغا ئۇچرىدى

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پاكىستاندا يۈز بەرگەن قاتتىق بوران-چاپقۇنلۇق يامغۇر ھادىسىسى تۈپەيلىدىن پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر كاراچىدا 228 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. پاكىستان ھاۋا رايى خادىملىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، قاتتىق يامغۇر دۈشەنبە كۈنىگىچە داۋاملىشىشى، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەزكۇر ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بوران-چاپقۇنلۇق يامغۇر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئۆيلەرنىڭ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈشى شۇنىڭدەك ئۈزۈلۈپ كەتكەن توك سىملىرىنىڭ ئادەملەرنى سوقۇۋېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.

بۇ كۈنلەردە يەنە ھىندىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا بوران-چاپقۇنلۇق يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن ، نەتىجىدە ئاز دېگەندە 130 غا يېقىن ئادەم ئۆلگەن، نۇرغۇن ئادەم خانىۋەيران بولغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)