بۇتتو، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ پىنسىيىگە چىققان گېنېراللىرىنى پارتلاش ۋەقەسىگە جاۋابكار دەپ ئەيىبلىدى

سۈرگۈندىكى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پەيشەنبە كۈنى دۆلىتىگە قايتقان پاكىستاننىڭ سابىق ئايال باش مىنىستىرى بىنەزەر بۇتتو، شۇ كۈنى ئۇنى قارشى ئېلىش پائالىيىتىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ پىنسىيىگە چىققان گېنېراللىرىنىڭ قولى بار، دەپ ئەيىبلىدى. بۇتتونىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭغا قارىتىلغان بۇ سۈيىقەست ۋەقەسىدە مەرھۇم پرېزىدېنت زىيا ئول ھەققە سادىق گېنېراللار دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنى قوللىغان. بۇتتو بۇ سۆزلەرنى فرانسىيىدە چىقىدىغان بىر ژۇرنالدا ئېلان قىلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بۇتتو سۈيىقەستتىن ئامان ‏- ئىسەن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇتتونىڭ ماشىنا ئەترىتىگە قارىتىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ئاز دېگەندە 130 ئادەم ئۆلگەن. بۇتتو، ئىسلام دىنىي ئەسەبىيلىرىنىڭ باشقىلار ياردەم قىلماي تۇرۇپ، بۇ ئىشنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1999 ‏- يىلدىن بېرى چەتئەلدە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بۇتتو، يېقىندا پاكىستان ھەربىي رەھبىرى پەرۋىز مۇشەررەپ بىلەن ھوقۇققا تەڭ شېرىك بولۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى دۆلىتىگە قايتىپ كاراچىغا قونغان ئىدى. شۇ كۈنى ئۇنى نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى قارشى ئېلىشقا چىققان. لېكىن ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر بۇتتو پاكىستانغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر پاكىستانغا كەلسە ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

سۈيىقەست ۋەقەسىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇتتو بۇ ۋەقەدە تاشقى دۇنيادىن زور سىياسىي دەسمايە توپلىغان بولدى. ئامېرىكا پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاقساراي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەقەنى ئەيىبلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاننىڭ مۇقىملىقىنى تىلىدى. ھىندىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، سۈيىقەست بۇتتوغا قارىتىلغان بولسىمۇ، بۇنچىلىك كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ۋەقە لەنەتلىنىشكە تېگىشلىك، دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)