پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ يېقىندا ھەربىي ھالەت جاكارلاپ، ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ كوچىغا چىقىپ توپلىنىش، نامايىش قىلىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ئاسىيا ۋەزىيىتىدە جىددىيلىك پەيدا بولدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7 - نويابىر كۈنى ئىسلامئابادتىن بايان قىلىشىچە، پاكىستاننىڭ پارلامىنت سايلىمى 14 - نويابىر كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى بېكىتىلدى. ھازىر ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ نامايىشى بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا.
ھەر قايسى ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كىمۇن ئەپەندى پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپتىن ھەربىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىم ھازىرقى پاكىستان ۋەزىيىتىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا بېرىدىغان ياردىمىنى قايتىدىن ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىمۇ پەرۋەز مۇشەررەپنى ئاساسىي قانۇن بۇيىچە ئىش كۆرۈش، ئەركىنلىك ۋە ئادىل سايلام ئېلىپ بېرىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەنە، ھىندىستان پارلامېنتى جىددىي يىغىن ئېچىپ، پاكىستان كرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىت كارزاي بولسا پاكىستان بىلەن چېگرىدىكى قوراللىق توپىلاڭچىلارغا زەربە بېرىش ھەمكارلىقىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ 'جۇڭگو ھازىرقى پاكىستان ۋەزىيىتىگە، بولۇپمۇ پاكىستاننىڭ مۇقىملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما پاكىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قابىلىيىتىگە ئىشىنىدۇ ' دېگەن ۋە ساياھەت قىلىدىغان خىتاي پۇقرالىرىنى بىخەتەرلىك جەھەتتە ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ۋەلى)