سەيشەنبە كۈنى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ يەنە يۈزلىگەن ساقچىنى ئىشقا سېلىپ،پاكىستان سابىق باش مىنىستىرى بىنەزەر بۇتتونى لاھوردىكى تۇرالغۇسىدا قايتىدىن ئۆيىدە نەزەربەنت قىلدى. بۇ مۇشەررەپنىڭ 3 - نويابىر پاكىستاندا جىددىي ھالەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان بىنەزەر بۇتتونى ئىككىنچى قېتىم نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىشى.
بۇنىڭ ئالدىدا بۇتتو خانىم مۇشەررەپنى ھەربىي قوماندانلىق ۋە پىرېزدېنتلىقتىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ ئاخبارات ساھەسىگە بايانات بەرگەن ئىدى.
ئۇ ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا " مۇشەررەپ چوقۇم ئورنىنى بوشىتىشى كېرەك، دىكتاتورلۇق تۈزۈم يۈرگۈزۈلىدىغان زامان ئاخىرلاشتى . ئۇ دىكتاتورلۇق تۈزۈمى بىلەنمۇ مىلىتانلارنى تىنجىتالمىدى، مانا بۇ بىزنىڭ پەرۋىز مۇشەررەپتىن ئىستىپا بېرىشنى تەلەپ قىلىشىمىزدىكى سەۋەب " دېگەن شۇنداقلا ئەمدى مۇشەررەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇتتو خانىم ئەسلى پىلانى بۇيىچە بۈگۈن لاھوردا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان كەڭ كۆلەملىك خەلق نارازىلىق نامايىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقچى ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، سەيشەنبە كۈنى لاھورنىڭ كوچىلىرى نەچچە يۈز، مىڭلىغان قوراللىق ئەسكەر ھەم ساقچىلار بىلەن توشقان بولۇپ، بۇتتونىڭ تۇرالغۇسىغا ماڭىدىغان يۆنۈلۈشتىكى بارلىق يول ئېغىزلىرى سىم توساق، تۆمۈر ئىشىك، قۇم خالتىلار ھەم ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن توسۇلغان.
پاكىستان خەلق پارتىيىسى لاھوردا تەشكىللىگەن بۇ نامايىشچىلار چارشەنبە كۈنى ئىسلام ئابادتا مۇشەررەپنىڭ ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلىشى ۋە ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۈچ كۈن داۋام قىلىدىغان يەنىمۇ زور نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاتلانماقچى ئىدى، ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتى" بۇتتو تەشكىللىگەن بۇ نامايىش ھەرىكىتى قانۇنسىز ھەرىكەت " دەپ بىلدۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)