فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ پاكىستاندىن 14 - نويابىر كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك ساقچى باشلىقى مالىك مۇھەممەد ئىقبال بۈگۈن پاكىستاننىڭ لاھۇر شەھىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى ئېمرانخاننى، "نامايىشتا خەلقنى قولىغا قورال ئېلىپ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىرغانلىقى ئۈچۈن 'تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش قانۇنى' بۇيىچە جازاغا تارتىلىدۇ" دەپ جاكارلىغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، پاكىستاندا 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھازىر جايلاردا يۈز بەرگەن زور كۆلەملىك نامايىشلارنى زور كۈچ بىلەن چەكلىمەكتە. ئەمما پاكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر كېلەر يىلى 1 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان سايلامدىن بۇرۇن پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپكە قارشى ئوخشىمىغان شەكىلدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىماقتا.
بىنەزەر بۇتتو خانىمنىڭ قارىشىچە، ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ خەلقنىڭ ئاساسى ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا سايلام ئۆتكۈزۈلسە، بېلەت تاشلاش قاتارلىق بىرمۇنچە ئەمەلىي باسقۇچلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ھازىر پاكىستاندا دېموكراتىيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئىتتىپاق تۈزۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. (ۋەلى)