پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو خانىم سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى

پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى بىنەزەر بۇتتو پەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ئابادنىڭ يېنىدىكى لاۋۇرپېندى شەھىرىدە سايلام تەييارلىقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كوللىكتىپ يىغىلىشتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى.

پارتلاشتا ئاز دېگەندە 16 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى خەلقنى ئۆيلىرىدىن ئايرىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. نۆۋەتتە بەنەزىر بۇتتو خانىمنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك پاكىستاندا ئىنتايىن چوڭ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا .

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەپ، خەلقنىڭ سەۋىرچان بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا باشلىق ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا مەزكۈر ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ پاكىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنى بىتچىت قىلىشتىن سىرت، تېخىمۇ كۆپ تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بىنەزەر بۇتتو خانىم، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشىنى ئىزچىل قوللاپ ‏- قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە، پاكىستاندا دېموكراتىك بىر ھاكىمىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر سىياسىي كۈرەش ئېلىپ بارغان پاكىستان مىللىي رەھبىرى ھېسابلىنىدۇ. (ئەقىدە)