پاكىستاندا زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈش ھەرىكەتلىرىدە تۆت كۈندىن بۇيان 47 ئادەم ئۆلدى


2007.12.31

پاكىستان سابىق باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن پاكىستاندا ئۈزلۈكسىز يۇز بېرىۋاتقان نامايىش ۋە ھەر خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى پاكىستانغا پەقەت تۆمۈر يول ساھەسىدىلا 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كەلگەن.

ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بەنەزىر بۇتتو راۋالپىندى شەھىرىدە سايلامغا قاتنىشىش پائالىيىتى جەريانىدا سۈيقەستكە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كىيىن پاكىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ بۇتتو خانىمنىڭ يۇرتى سىندھ رايونىدا ھەر خىل زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈش ھەرىكەتلىرى باشلىنىپ كەتكەن ھەمدە تۆت كۈندىن بۇيان 47 ئادەم ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

بۈگۈن سىندھ ئۆلكىسىدە ئانچە ‏- مۇنچە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە ئۆلۈم ‏- يېتىم ھادىسىسى كۆرۈلمىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى داۋامىدا جامائەت مۈلكى، ئاساسى مۇئەسسەسە ۋە باشقا ئەسلىھەلەرگە يەتكەن زىيان غايەت زور بولغان ھەمدە بۇ خىلدىكى زىيان ئىشلەپچىقىرىش، ئېكىسپورت ۋە سانائەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ ئىنتايىن ئېغىر بولغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، پاكىستاندىكى تۆمۈر يول سىستېمىلىرىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 22 پويىز بۇقىسى، 140 ۋاگون كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ۋە تۆمۈر يول ئالاقە ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. نەتىجىدە، تۆمۈر يول سىستېمىدا كۆرۈنگەن ئىقتىسادى زىيان 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

پاكىستان باش مىنىستىرى مۇھەممىدىن سومرونىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ھازىرچە شەخسىيلەر ئۇچرىغان زىياننى باھالاپ بىكىتەلمىگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىملىق قالايمىقانچىلىقتا ئەڭ نامرات ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مۇقەررەر ئىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.