مەرھۇمە بەنەزىر بۇتتو خانىمنىڭ خەلق پارتىيىسىدىن يۈسۈف رازا گىللانى باش مىنىستىرلىققا سايلاندى

پاكىستان پارلامېنتى بېلەت تاشلاپ پاكىستاننىڭ باش مىنىستىرىنى سايلاپ چىققان بولۇپ، ب ب س دا خەۋەر قىلىنىشىچە، سايلامدا خەلق پارتىيىسىنىڭ باش مىنىستىر كاندىداتى يۈسۈف رازا گىللانى يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۇتۇپ چىققان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گىللانى ئەپەندى مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى ئۆتكەن نويابىر پاكىستاندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن نەزەربەنت ئاستىغا ئالغان سودىيىلەرنى دەرھال ئازات قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

گەرچە 2007 - يىلى نويابىردا يۈرگۈزۈلگەن ھەربىي ھالەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان سودىيىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بوشىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان باش سودىيىسى ئىفىتىخار چائۇدھرىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە بىر قىسم سودىيىلەر يەنىلا نەزەر بەنت ئاستىدا ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، گىللانى ئەپەندى ئۆتكەن يىلى 27 ‏ - دېكابىر قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتو خانىمنىڭ قازاغا ئۇچراش ھادىسىسى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدىغان قارار ماقۇللاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان خەلق پارتىيىسى گىللانى ئەپەندىنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى ئۆز پارتىيىسىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ 12 يىلدىن بېرى پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم پاكىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئىلگىرى2007 - يىلى 27 ‏ - دېكابىر قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان بەنەزىر بۇتتو خانىم پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، بۇتتو خانىمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ يولدىشى ئەسىف ئەلى زەردارى مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

ب ب س دە ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ كۆرسىتىشىچە، گەرچە بۇ نۆۋەت خەلق پارتىيىسىدىن گىللانى ئەپەندى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بەنەزىر بۇتتو خانىمنىڭ يولدىشى زاردارى ئەپەندى يەنىلا پاكىستان خەلق پارتىيىسى ئىچىدە ئەڭ نوپۇزلۇق شەخس ئىكەن. (جۈمە)