پاكىستاندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋە ئەدلىيە خادىملىرى ھەدەپ قولغا ئېلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئەنگلىيە پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپكە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، پرېزىدېنت سايلىمىنى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس، مۇشەررەپنىڭ چوقۇم ھەربىي فورمىسىنى سېلىپ تاشلاپ، ھەقىقىي ئاۋام خەلقنىڭ لېدىرى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: "پرېزىدېنت مۇشەررەپ ھەربىي فورمىسىنى سېلىۋىتىمەن دېگەن ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ بىر چوڭ ئىلگىرىلەش."
پاكىستان كېلەر يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلغان پرېزىدېنت سايلىمى، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي ھالەت تۈپەيلى پاكىستاننىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، پاكىستان باش مىنىستىرى شەۋكەت ئەزىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ئەمما پاكىستان باش مىنىستىرى، سايلامنىڭ كېلەر يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياكى ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن.
پاكىستان ئامېرىكىنىڭ ئەلقائىدە ۋە تالىبانلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن بەش يىل مابەينىدە ئامېرىكا پاكىستاننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى ئۇچۇن پاكىستان تەرەپكە 10 مىليارد دوللار ئىقتىسادى ياردەم بەرگەن. (جۈمە)