پاكىستان كىرزىس ئىچىدە قالدى
2007.11.06
-6 نويابىر، سەيشەنبە كۈنى، ئىسلام ئابادتىكى سوت مەھكىمىسى ئەتراپىغا نەچچە يۈزلىگەن ئادۋوكاتلار ھەم ئەدىلىيە خادىملىرى يىغىلىپ، مۇشەررەپنىڭ پاكىستاندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا س ن ن تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا مۇشەررەپ پاكىستاندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغان تۆت كۈندىن بۇيان ئۈچ مىڭدەك ئادۋۇكات قولغا ئېلىنغان. پاكىستان كىرزىسى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىۋاتقان چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى ھەم مۇخبىرلارمۇ قولغا ئېلىنماقتا ئىكەن.
مۇشەررەپ ئۆتكەن شەنبە كۈنى پاكىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ يۈرگۈزىلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ پاكىستان بويىچە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. مۇشەررەپنىڭ قايتا پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشىغا قارشى گۇرۇھلارنىڭ ۋەكىللىك ئادىمى دەپ قارالغان پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسىنى نەزەربەنت قىلغان ئىدى. چۈنكى بۇ باش سوتچى ئادۋوكاتلارنى پاكىستان ئاساسىي قانۇنىنى قايتىدىن ئىجرا قىلىشقا چاقىرغان شۇنداقلا مۇشەررەپنىڭ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشىنى قانۇنسىز دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ سەيشەنبە خەۋەر بېرىشىچە، مۇشەررەپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئائىلىسىدە نەزەربەنت قىلىنغان پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى قول تېلېفون ئارقىلىق ئەدلىيە خادىملىرىغا ئۇچۇر بېرىپ،ئامما ئارىسىدا مۇشەررەپنىڭ پاكىستاندا ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان كېلەر يىلى يانۋاردا ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلغان پرېزىدېنت سايلىمى، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي ھالەت تۈپەيلى پاكىستاننىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى شۇنداقلا خەلقارا جەمئىيەتنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۈشەنبە كۈنى ئاق سارايدا قىلغان باياناتىدا،پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ پاكىستان ئاساسىي قانۇنىنىڭ يۈرگۈزىلىشىنى توختاتقانلىقى شۇنداقلا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھەمدە ئۇنى ھەربىي فورمىسىنى سېلىپ تاشلاپ، پرېزىدېنت سايلىمىنى يانۋاردا ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلغان. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى خەۋىرىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئامېرىكا پاكىستانغا ھەر يىلى بېرىۋاتقان نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ياردىمى ھەمدە ھەر ئايدا بېرىلىدىغان سەكسەن مىڭ دوللار ياردىمىنىمۇ توختىتىشنى ئويلاشماقتا.
ئامېرىكا ئافغانىستاندا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش قوزغىغان 2001 - يىلىدىن بۇيان پاكىستاننى 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپكە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى
- پاكىستاننىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى
- بۇتتو، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ پىنسىيىگە چىققان گېنېراللىرىنى پارتلاش ۋەقەسىگە جاۋابكار دەپ ئەيىبلىدى
- پاكىستان پرېزىدېنت سايلىمى لال مەسچىتىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە قالدى
- پاكىستان ھۆكۈمىتى، 'پاكىستان خەلقى بىن لادىننىڭ چاقىرىقىنى قوللىمايدۇ،' دېدى
- ناۋاز شەرىف پاكىستاندىن قايتۇرۇپ چىقىرىۋېتىلدى
- تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان جەنۇبىي كورىيىلىكتىن يەنە سەككىزىنى قويۇپ بەردى
- تالىبان گۆرۈگە ئېلىنغان كورىيىلىكلەر مەسىلىسىدە يېڭى سۆھبەت باشلىدى