پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ ھەربىي ھوقۇقىدىن ئىستىپا بەرمەكچى

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشەررەپ پەيشەنبە كۈنى يەنى 29- نويابىر، ھەربىي ھوقۇقىدىن ئىستىپا بېرىپ، رەسمىي بىر ئاۋام-خەلق رەھبىرى سۈپىتىدە قەسەم بېرىپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق مۇساپىسىنى باشلىماقچى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشەررەپنىڭ باياناتچىسى رەشىد قۇرەيىشى: "پرېزىدېنت مۇشەررەپ 29 - نويابىر بىر ئاۋام - خەلق پرېزىدېنتى سۈپىتىدە قەسەم بېرىدۇ ۋە 27 - ۋە 2 - نويابىر كۈنلىرى ھەربىي قوماندانلىق شتابلىرىغا خوشلىشىش زىيارىتى ئېلىپ بارىدۇ" دېگەن.

مۇشەررەپ بۇ يىل 3 - نويابىر پاكىستان ئالىي سوتىنى بىكار قىلىپ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغاندىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت مۇشەررەپكە ھەربىي فورمىسىنى سېلىۋېتىش ۋە ھەربىي ھالەتنى ئاياغلاشتۇرۇش جەھەتتە قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندا كېلەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇمى سايلام 2008- يىلى 8- يانۋارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر سايلامغا سۈرگۈندىكى ھاياتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ يېقىندا پاكىستانغا قايتقان سابىق باش مىنىستىرى بىنەزەر بۇتتو ۋە 1999- يىلى مۇشەررەپ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولغان سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شېرىفلەر ئۆزلىرىنى پاكىستان پرېزىدېنتلىق نامزاتىغا كۆرسەتكەن.

گېنېرال پەرۋىز مۇشەررەپ 1999- يىلى ئاۋام خەلق رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ، ھوقۇق ئىگىلىگەن بولۇپ، ھازىرغىچە پاكىستاننىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. (جۈمە‏)