ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنستىرى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنى دېموكراتىيىگە قايتشقا چاقىردى

پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنستىرى جان نېگرو پونتى، شەنبە كۈنى، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى دېموكراتىيىگە قايتشقا قايىل قىلىشقا تىرىشتى.

سىياسىي ئانالىزچىلار، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنىستىرىنىڭ پاكىستان زىيارىتىنى، پاكىستاننىڭ پۈتۈنلەي بىر سىياسىي كرىزىس گىردابىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت دەپ قارىماقتا.

لېكىن، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنستىرىغا پاكىستاندا سايلامنى تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ياردەمچى مىنستىرى جان نېگرو پونتى، بۇ قېتىمقى پاكىستان زىيارىتى جەريانىدا، تېلېفون ئارقىلىق پاكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بېرى بولغان، بىنەزەر بوتو بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا پاكىستان دائىرىلىرى، نېگرو پونتىنىڭ پاكىستان زىيارىتى ھارپىسىدا، ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىنغان بىنەزەر بوتتونى شۇنداقلا ئاتاقلىق بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى قويۇپ بېرىپ، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرنەچچە تېلېۋىزور ئىستانسىنىڭ قايتىدىن خىزمەت باشلىشىغا رۇخسەت بەرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سېان ماككورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېگرو پونتى، بىنەزەر بوتو بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، "ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ پاكىستاندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىغا قارشى تۇرىدۇ ۋە پاكىستاندىكى پۈتۈن سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ تىنچلىق ئىچىدە پاكىستاندىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتكەن. (ئۆمەر قانات)