پاكىستاندىكى ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەئىسلىرى بىنەزەر بوتو ۋە ناۋاز شېرىپ سۆھبەتلەشمەكچى
2007.12.01
پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رەئىسلىرى بىنەزەر بوتو ۋە ناۋاز شېرىپ، پاكىستاندا 9- يانۋار كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامغا قاتنىشىش -قاتناشماسلىق مەسىلسىى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن، دۈشەنبە كۈنى ئۇچرىشىدىكەن.
يېقىندا، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاكىستانغا قايتىپ كەلگەن ناۋاز شېرىپ، پەيشەنبە كۈنى پاكىستاندىكى 30 ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىنىڭ يانۋار ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ھەمدە پاكىستاندىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىككى ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ بېرى ھېسابلانغان، بىنەزەر بوتو رەھبەرلىگىدىكى پاكىستان خەلق پارتىيىسىنى، سايلامنى بايقۇت قىلىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كومىتېت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
1999- يىلى پاكىستاندىكى ھاكىمىيىتى پەرۋاز مۇشەررەپ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان ناۋاز شېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى.
3- نويابىر كۈنى پاكىستاندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپ، گەرچە ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن پاكىستان قوراللىق قىسىملىرى قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما، پاكىستاندىكى ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلماقتا. ئۇ، 9- يانۋار كۈنى پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامنىڭ تىنچلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، ھەربىي ھالەتنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا. لېكىن پاكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، پاكىستاندىكى ھەربىي ھالەت بىكار قىلىنمىسا، دېموكراتىك ۋە ئادالەتلىك سايلام ئېلىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس دېيىشمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى
- گرۇزىيە پرېزىدېنتى ساكاشىۋېلى ئىستىپا بەردى
- كوسوۋالىقلار سايلام ئۆتكۈزدى
- ئامېرىكا ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنستىرى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنى دېموكراتىيىگە قايتشقا چاقىردى
- پاكىستاندا ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى 'تېررورچى' دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىپلەندى
- پاكىستان ساقچىلىرى بىنەزەر بۇتتونى يەنىمۇ قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالدى
- مۇشەررەپ ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلىشنى رەت قىلدى
- پاكىستاندا ۋەزىيەت جىددىلەشمەكتە
- بۇش مۇشەررەپنىڭ ھەربىي ھوقۇق ئۈستىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەشەببۈس قىلدى
- خەلقئارا پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە تېز ئىنكاس قايتۇرماقتا
- پاكىستان كىرزىس ئىچىدە قالدى
- ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپكە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى
- پاكىستاننىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى