پاكىستان پرېزىدېنت سايلىمى لال مەسچىتىنىڭ كۆلەڭگۈسىدە قالدى
2007.10.05
پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى قارار ئېلان قىلىپ، شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پاكىستان پرېزىدېنت سايلىمىنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىش، لېكىن سايلام نەتىجىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلىشنى جاكارلىدى. كۆزەتكۈچىلەر، ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمى بۇ قېتىمقى سايلامدا قايتا سايلىنىش ئېھتىمالى زور بولغان پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ، قايتا سايلىنىشىدا مۇقىمسىزلىق ئامىلىنى كۈچەيتتى، دەپ قاراشماقتا.
ئۆكتىچىلەر، مۇشەررەپ ھەربىي فورمىسى بىلەن سايلامغا قاتناشسا پاكىستان ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان. باش سوتچى ئىقبال جۈمە كۈنى ئالىي سوتنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدىكى باياناتىدا "سوتچىلار سايلامنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىش، لېكىن سايلام نەتىجىسىنى ئالىي سوت ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى،"دەپ كۆرسەتتى. ئىقبالنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئالىي سوت مەھكىمىسى مۇشەررەپنىڭ ئۈستىدىن بېرىلگەن ئەرزنى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى كۆرۈپ چىقىدىكەن.
پاكىستان پرېزىدېنتى ئادەتتە پاكىستان مەملىكەتلىك مىللىي مەجلىسى ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆلكىلىك مىللىي مەجلىس ئەزالىرى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمى شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، پاكىستان مەملىكەتلىك مىللىي مەجلىس سايلىمى كېلەر يىلى 1 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئالىي سوتنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ھۆكۈمىدىن كېيىن، مۇشەررەپ شەنبە كۈنكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان تەقدىردىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئولتۇرۇش ياكى ئولتۇرالماسلىقى، ئالىي سوتنىڭ 7 - ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىدىغان ئاخىرىقى ھۆكۈمىگە باغلىقتۇر. مۇشەررەپ بۇ يىل يازدا خىتاي پاھىشىلىرىنى گۆرۈگە تۇتقان لال مەسچىتنىڭ تالىپلىرىنى باستۇرۇپ، دىندار گۇرۇھلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇ ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ھەربىي پورما بىلەن سايلامغا قاتنىشىش قانۇنسىز، دەيدىغان رىقابىتىگە دۇچ كەلمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان ھۆكۈمىتى، 'پاكىستان خەلقى بىن لادىننىڭ چاقىرىقىنى قوللىمايدۇ،' دېدى
- ناۋاز شەرىف پاكىستاندىن قايتۇرۇپ چىقىرىۋېتىلدى
- ھىندىستاندىكى پارتلاشتا ئاز دېگەندە 20 كىشى ئۆلدى
- نىگېرىيىدە بىر خىتاي ئايال ئۆلتۈرۈلدى
- پاكىستاننىڭ قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالامدۇ ؟
- خىتاي، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تاپشۇرۇشى ھەققىدە پاكىستانغا بېسىم قىلماقتا
- پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 9 كىشى ئۆلدى
- ئەلقائىدىچىلەر پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ۋىدىئو خەۋىرى تارقاتتى
- قىزىل مەسچىتتە يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى