پاكىستاندا سايلام ئالتە ھەپتە كېچىكىدۇ

پاكىستاندا 1 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان پارلامىنت سايلىمى ئالتە ھەپتە كېچىكىدۇ. ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، پاكىستان سايلام كومىتېتىنىڭ مەخسۇس خادىمى فارۇق: ' بەنەزىر بۇتتو خانىم ئۆتكەن ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سايلامنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىشقا مۇمكىن بولمىدى، شۇڭلاشقا ئالتە ھەپتە كېچىكتۈرۈلۈپ، 2 ‏- ئاينىڭ 18 ‏- كۈنى ئېلىپ بېرىش قارار قىلىندى' دەپ جاكارلىغان.

خىتاي شىنخۇا تورىنىڭ 2 ‏- يانۋار كۈنى ئىسلامئابادتىن خەۋەر قىلىشىچە، پەرۋىز مۇشەررەپ 'بەنەزىر بۇتتونىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەلىكىنى تەكشۈرۈشكە ئەنگىلىيىنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى ياردەملىشىدۇ' دەپ جاكارلىغان.

بەنەزىر بۇتتو خانىم قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، پاكىستان خەلق پارتىيىسى بۇ ۋەقەنى خەلقئارا نىڭ تەكشۈرۈپ خۇلاسىلىشىغا تاپشۇرۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. (ۋەلى)