پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كەلتۈرگەن، پاكىستان خەلق پارتىيىسى رەھبەرلىرى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ پارلامېنتنى بىكار قىلىش قاتارلىق بەزى ھوقۇقلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يانۋار ئېيىدا بىر سۈيىقەست نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتونىڭ رەھبەرلىكىدىكى، پاكىستان خەلق پارتىيىسى، نۆۋەتتە پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ قايسى ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلىش مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ بۇ ھەقتىكى قارارىنى دۈشەنبە كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن.
پارلامېنت سايلىمىدا، پاكىستان خەلق پارتىيىسىدىن كېيىن، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شىرىپنىڭ پارتىيىسى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ نۇرغۇنلىغان ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلىشنى، خەلق پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ، ئوتتۇرىغا قويغان.
پاكىستان خەلق پارتىيىسى رەھبەرلىرى، كىمنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باش مىنىستىرلىك نامزاتلىرى ئارىسىدا تەجرىبىلىك سىياسەتچى ۋە بەنەزىر بۇتتونىڭ ئۇزۇن يىللىق سەپدىشى، مەختوم ئىمىن فەھىم، خەلق پارتىيىسىنىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى ۋەكىلى شاە مەخمۇت قۇرەيشى ۋە سابىق پاكىستان پارلامېنتنىڭ رەئىسى يوسۇف رىزا گېلانى قاتارلىق كىشىلەر بار ئىكەن.
جۈمە كۈنى، پاكىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان پاكىستاندىكى ئاساسلىق ئىككى سىياسىي پارتىيە، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلسىدە كېلىشكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)