پاكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر بىرلىشىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تۈزمەكچى

يەكشەنبە كۈنى پاكىستاندىكى ئىككى ئۆكتىچى پارتىيە يەنى پاكىستان خەلق پارتىيىسى بىلەن ناۋاز شېرىپنىڭ مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا پۈتۈشكەن.

ئالدىنقى ئايدا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بىنەزەر بۇتتونىڭ يولدىشى ئاسىف زەردارى بىلەن مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ناۋاز شەرىپ كۆرۈشۈپ، ئىككى پارتىيىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە پرېزىدېنت پەرۋاز مۇشەررەپ تەرىپىدىن ئەمىلىدىن قالدۇرىۋېتىلگەن ئالىي سوتچىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا پرېزىدېنت پەرۋاز مۇشەررەپ، ئەگەر دۆلەتتە تىنچلىق بولسىلا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغان ئىدى. 2 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا يۇقىرىقى ئىككى پارتىيە غەلىبە قىلىپ، ئاۋاز جەھەتتە مۇشەررەپنىڭ پارتىيىسىنى يەڭگەن ئىدى. ( ئۈمىدۋار)