ئەلقائىدىچىلەر پاكىستانغا ھۇجۇم قىلىش ھەققىدە 8 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى ۋىدىئو خەۋىرى تارقاتتى


2007.08.01

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قاھىرەدىن 8 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئافغانىستاندا ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ باگرام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى تۈرمىسىدىن قاچقان ئەلقائىدىچىلەرنىڭ كوماندىرى ئابۇ يەھيا لەبى بۈگۈن ئىنتېرنېتتە ۋىدىئو خەۋىرى تارقىتىپ، پاكىستاننى دەرھال گېنېرال پەرۋىز مۇشەررەپنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قىزىل مەسچىت ۋەقەسى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشقا چاقىرغان. ئەلقائىدىچىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى دەل ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت بۇزۇلغاندىن كېيىن يۈز بەردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كابۇلدىن خەۋەر قىلىشىچە، تالىبانلارنىڭ قوراللىق قىسىم باياناتچىسى يۈسۈپ ئەخمەد 8 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى، تالىبانلار بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت بۇزۇلغانلىقىنى، تالىبانلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان جەنۇبىي كورىيىلىكلەرنىڭ ئاللىقاچان باشقا جايغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، تالىبانلار جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئافغانىستانغا 200 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ، 7 ‏- ئاينىڭ 19 ‏- كۈنى ئافغانىستاننىڭ غەزنە ئۆلكىسىدىكى بىر تاشيولدا 23 نەپەر كورىيىلىكنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.