پاكىستاننىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى


2007.11.04

شەنبە كۈنى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جىددىي ھەربىي ھالەت قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ نارازىلىق قوزغالدى. يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەيدانىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇشەررەپنىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرىلا بۇنىڭغا قارشى چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى پاكىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن خاتىرجەمسىزلىك ھەس قىلىپ، پاكىستاننىڭ دېموكراتىك تۈزۈمنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىز 'ھار قىلغان.

ئامېرىكا تەرەپ پرېزىدېنت پەرۋىش مۇشەررەپنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئىككىنچى نۆۋەت پرېزىدېنتلىق مۆھلىتىنى ئۆتەشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ بارلىق ھەربىي رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىدىن ئىستىپا بېرىشىنى ھەمدە كېلەر يىلى 1-ئايدا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە سايلام ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ھەر قايسى جايلاردىكى ئۆكتىچىلەردىن 500 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان. ھۆكۈمەت تەرەپ پارلامېنت سايلىمىنىڭ كېچىكتۈرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە جۈمە كۈنى مۇشەررەپ، مۇستەقىل ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى تاقاش بىلەن ئالىي سوت رەئسىنىڭ ۋەزىپىسىنى قالدۇرغان. ئۇ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى پاكىستاننىڭ رادىكال كۈچلەرنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى بىلەن باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆكتىچى ۋە ئاددىي پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن. ( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.