پاكىستاندا ۋەزىيەت جىددىلەشمەكتە

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش، شەنبە كۈنى تىكساس شتاتىدىكى داچىسىدا گېرمانىيە باش مىنستىرى ئانگىلا مېركېل بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋاز مۇشەررەپنىڭ، كېلەر يىلى فېۋرال ئېيىدا پاكىستاندا سايلام ئۆتكۈزۈدىغانلىقى ۋە پاكىستاندا ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە، ئىشىندىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، پاكىستاندا ۋەزىيەت كۈنسىرى جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنستىرى ۋە ئۆكتىچى رەھبىرى بىنەزەر بوتتو، پاكىستاندا دېموكراتىيىنى قايتىدىن تىكلەش ئۈچۈن، پرېزىدېنت پەرۋاز مۇشەررەپنىڭ پاكىستاندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىغا قارشى باشلاتقان ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بىنەزەر بوتتو، بۈگۈن پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، پاكىستانلىق ژورنالىستلار تەرىپىدىن ئىسلام ئاباتتا ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشتى.

بۇ ئارىدا پاكىستان مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستاندىكى جىددىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى، پاكىستاننىڭ غەربىي شمال رايونىدا يەنى تالىبانلار كۈنسىرى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتقان رايونلاردىكى كارخانا ۋە چوڭ قۇرۇلۇشلاردا ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىنژېنېرلىرىنى ئىسلام ئاباتقا يۆتكىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى شۇنڭلا رايونىغا جايلاشقان ھىدەل ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى قۇرۇلۇش پائالىيىتى توختىتىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان يۈزلىگەن خىتاي ئىنژېنېر ۋە ئىشچىلىرى ئىسلام ئاباتقا ئورۇنلاشتۇرلغان.

پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرى ئافتاپ ئەخمەتخان شېرپاۋ، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇنداق بىر تەدبىر ئېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا، پاكىستان مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىغا باشلىغان، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدىكى مىلىتانلار سىۋات رايونىنىڭ كونتروللىقىنى ئاساسەن قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. پاكىستاندىكى مىلىتانلارنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرى بىلەن يېقىن ئالاقىسى بارلىقى ۋە ئۇلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنماقتا. (ئۆمەر قانات)